ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدۇ
2007.07.08
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 نەپەر پەلەستىنلىك تۇتقۇنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ماخمۇد ئابباس رەھبەرلىكىدىكى يېڭى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورموتنىڭ يەكشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بارلىق ئاماللاردىن پايدىلىنىپ، پەلەستىندىكى مۆتىدىل كۈچلەرنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خاماس ۋە فاتاھ تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە بۇ خىل ئىدىيىگە مەنسۇپ بولغان 10 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا فاتاھ بىلەن خاماس ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە ماخمۇد ئابباس فاتاھ تەشكىلاتىنى ئاساس قىلىپ، يېڭى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغان ئىدى.
فاتاھ مۆتىدىل خاراكتېرغا ئىگە تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ ، ئەمما، خاماس بولسا، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەنە شۇ پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن بىر مىللەتتىن بولغان ئىككى پارتىيە بىر-بىرى بىلەن چىقىشالماي كەلگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورموت بۇ قېتىم فاتاھ پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنىڭ پەلەستىن -ئىسرائىلىيە دىئالوگى ئۈچۈن شەرت ھازىرلاش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. لېكىن ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى قايسى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلمىغان شۇنىڭدەك خاماس تەشكىلاتى بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ماخمۇد ئابباسنى ئىسرائىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈردى دەپ ئەيىبلىگەن.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى
- لىۋاندا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئىسرائىلىيە پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- رايىس، پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى
- ئىراقتا زوراۋانلىق كۈچەيگەن بىر پەيتتە كوندىلىزا رايىس باغداتقا يېتىپ باردى
- كوندىلىزا رايس سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاسى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى
- ھەسەن نەسرۇللا ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلدى
- رۇسىيە يەنە دىپلوماتىيىلىك ئويۇن ئويناۋاتامدۇ؟