ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى خادىملىرى تېنچلىق ۋەكىلى بىلايېر بىلەن ئۇچراشتى
2007.07.19
ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى بۇيىچە خەلقئارا 4 تەرەپ كېلىشىم خادىملىرى، پەيشەنبە كۈنى پورتۇگالىيە پايتەختى لىسسابۇندا، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ يېڭى تېنچلىق ۋەكىلى - ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بلايېر بىلەن ئۇچراشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بلايېرنىڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغان يېڭى پىلانلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا يىغىن چاقىرىش تەشەببۈسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى بۇيىچە خەلقئارا 4 تەرەپ تەشكىلاتى، ئامېرىكا ، رۇسىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئەسلىدە بۇ تەشكىلات ئۆتكەن ئاي يىغىن چاقىرىشنى پىلان قىلغان ئىدى. بىراق خاماس تەشكىلاتى بىلەن ماخمۇت ئابباس ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار تۈپەيلى يىغىننىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن .
بلايېر ئۆتكەن ئاي ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى بۇيىچە خەلقئارا 4 تەرەپ تەشكىلاتىنىڭ تېنچلىق ۋەكىلى بولۇشقا قوشۇلغان ئىدى.(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جورج بۇش خەلقئارا يىغىن چاقىرىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى
- ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدۇ
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىراندىن ياش - ئۆسمۈرلەرنى قەتلىئام قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
- پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى
- ئىران خىتايدا ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسى ئامبىرى قۇرۇش پىلانى ئۈستىدە خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
- لىۋاندا توقۇنۇش يۈز بەردى
- 6 دۆلەت بېرلىندا ئىران يادرو مەسىلىسى مۇزاكىرىسىنى باشلىۋەتتى
- گېنېرالى ۋىليام فالون: ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايمەن
- ئەخمەدى نىجات 4 - ئاپرىل كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ 15 ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
- بۇش ئىراننىڭ ئەنگىلىيە تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئىران بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىلەشمەكتە
- ئىران غەرب دۆلەتلىرىنى ئىرانغا ھۇجم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى