ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى بۇيىچە خەلقئارا 4 تەرەپ كېلىشىم خادىملىرى، پەيشەنبە كۈنى پورتۇگالىيە پايتەختى لىسسابۇندا، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ يېڭى تېنچلىق ۋەكىلى - ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بلايېر بىلەن ئۇچراشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بلايېرنىڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغان يېڭى پىلانلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا يىغىن چاقىرىش تەشەببۈسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى بۇيىچە خەلقئارا 4 تەرەپ تەشكىلاتى، ئامېرىكا ، رۇسىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئەسلىدە بۇ تەشكىلات ئۆتكەن ئاي يىغىن چاقىرىشنى پىلان قىلغان ئىدى. بىراق خاماس تەشكىلاتى بىلەن ماخمۇت ئابباس ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار تۈپەيلى يىغىننىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن .
بلايېر ئۆتكەن ئاي ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى بۇيىچە خەلقئارا 4 تەرەپ تەشكىلاتىنىڭ تېنچلىق ۋەكىلى بولۇشقا قوشۇلغان ئىدى.(ئەقىدە)