جەنۇبىي كورىيىدىكى مۇز ئىسكىلاتى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 12 سى خىتاي پۇقراسى بولۇپ چىقتى


2008.01.08

دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىدىكى لېچۇەن شەھىرىگە 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر مۇز ئىسكىلاتىدا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 40 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى 10 ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆلگەنلەر ئىچىدە خىتاي ھەم چاۋشەن مىللىتىدىن بولغان خىتاي پۇقرالىرى بارلىقى بايقالغان بولۇپ، خىتاينىڭ كورىيىدىكى ئەلچىخانا خادىملىرى، بۇ پارتلاش ھادىسىسىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ 12 سىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىرىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۈچۈن ھاياتى خەۋپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىر جەنۇبىي كورىيىدە خىتاي پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن ياشاۋاتقان كورىيىلىكلەر 300 مىڭغا يېتىدىكەن.

پارتلاش يۈز بەرگەن بۇ توڭلىتىش ئىسكىلاتى بۇلتۇر 11 - ئايدا پۈتكەن ئۈچ قەۋەتلىك چوڭ ئىسكىلات بولۇپ، مۇشۇ ھەپتە رەسمىي يۈرۈشلەشتۈرۈش پىلانلانغان ئىكەن.

خەۋەردە كورىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرگەنلىرىدىن نەقىل ئېلىنىشىچە، ئىسكىلاتقا ئوت كەتكەندە 57 نەپەر ئىشچى ئىسكىلاتنىڭ توڭلىتىش سېخىدا خىمىيىلىك توڭلىتىش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئوت خىمىيىلىك سۇيۇقلۇقلارغا تېز تۇتۇشۇپ زەھەرلىك گاز ھاسىل قىلغان ھەمدە پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق جىددىي ئەھۋال ئاستىدا سېختىكى ئىشچىلارنىڭ ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلۇشى ناھايىتى تەس بولغان.

جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرى سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە باش مىنىستىرىنىڭ، پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۈر پارتلاش، جەنۇبىي كورىيىدە 2003 ‏- يىلى يۈز بەرگەن 200 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر ئاستى پويىزغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى زور بىر قېتىملىق پاجىئەلىك ئوت ۋەقەسى ھېسابلىنىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.