چېگرا تېمى پارتلىتىۋىلگەندىن كېيىن نۇرغۇن پەلەستىنلىك مىسىرغا كىرىشكە باشلىدى


2008.01.24

نەچچە ئونمىڭلىغان پەلەستىنلىك پەيشەنبە كۈنى، غاززە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا پارتلىتىۋىتىلگەن چېگرا توسىقىدىن مىسىرنىڭ رافاخ شەھىرىگە بۆسۈپ كىردى.

مىسىر دائىرىلىرى گەرچە، نەچچە يۈزلىگەن ئامانلىق خادىملىرىنى چېگرا رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر مىسىر تۇپرىقىغا كىرگەن بىرمۇ پەلەستىنلىككە قارىتا ھېچقانداق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە 50 مىڭ غاززەلىك مىسىرغا كىرگەن بولۇپ، مىسىرغا كىرگەن پەلەستىنلىكلەر، تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندىن سىرت، دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

مىسىر ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقاچان پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا قورال ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ مىسىردىن ئايرىلىشىغا بېسىم ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى، چارشەنبە كۈنى مىسىر بىلەن غاززە رايونىدىكى چېگرا تېمىنى پارتلىتىۋەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىكلەر مىسىرغا كىرىشكە باشلىغان. ئىسرائىلىيە تەرەپ، خاماس باشچىلىقىدىكى غاززە رايونىنى قاتتىق كونترول قىلغاندىن بۇيان، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ھەسسىلەپ كۈچەيگەن.

ئۆتكەن ھەپتە، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى، ئىسرائىلىيىگە قاراتقان راكىتا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەنلىكتىن، ئىسرائىلىيە غاززە رايونىنى قاتتىق قامال قىلىشقا باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.