ئامېرىكا پەلەستىنلىكلەرگە ئىقتسادىي ياردەم ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا


2008.02.23

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، غەربىي قىرغاق ۋە غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىنىڭ قيىنچىلىقلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، كېلەر ھەپتە پەلەستىنگە نەچچە ئون مىليون دوللارلىق ئىقتسادىي ياردەم پروگراممىسى باشلايدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىقتسادىي ياردىمى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرى ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرگە ئەۋەتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىقتسادىي ياردىمىنىڭ مىقدارى ھەققىدە بىر نېمە دېمىگەن. لېكىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى ھارپىسىدا ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "غەززەدە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئادەملەر بار. بىز ئەلۋەتتە بۇ ئادەملەرنىڭ ئازاپ چىكىشىنى خالىمايمىز ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن پۈتۈن ئىشنى قىلىمىز"دېگەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، غەززە رايونى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتالغان، خاماس ھەرىكىتىنىڭ كونتروللۇقىدا. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرى ئارقىلىق غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئىقتسادىي ياردەم بەرمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ب د ت ياردەم تەشكىلاتى ئارقىلىق غەربىي قىرغاق، غەززە، ئىئوردانىيە، سۇرىيە ۋە لىۋاندىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ئەۋەتكەن ئىقتسادىي ياردىمى 154 مىليون دوللارغا يەتكەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى يەنە غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى مەخمۇت ئابباسى قوللاۋاتقان پەلەستىن بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا 86 مىليون دوللار ئىقتسادىي ياردەم ئەۋەتكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.