كوندالىزا رايس ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى


2007.10.14

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان مۇھىم زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى سۈپىتىدە يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىگە يېتىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايس خانىم بۇ ھەپتىدە يەنە پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇد ئابباس بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئىككى تەرەپ پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.

كوندالىزا رايىسنىڭ بۇ قېتىمقى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىن چاقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆز- ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى بىلەن پەلەستىن -ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك، دەپ بىلدۈردى.

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئاساسىي ئىخىتىلاپ، قۇددۇسنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى، پەلەستىن مۇساپىرلىرى ھەمدە پەلەستىن دۆلىتى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. پەلەستىننىڭ ئۈزۈل -كېسىل مۇستەقىللىقىنى خالايدىغان خاماس تەشكىلاتى بولسا، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئابباس رەھبەرلىكىدىكى فاتاھ پارتىيىسى بىلەن ئۆكتىچى ئىسلامىي تەشكىلات خاماس ئارىسىدا كۈچلۈك ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئامېرىكا تەرەپ ئىزچىل تۈردە ئابباسنىڭ پەلەستىن دۆلىتى ھەققىدىكى قارىشىنى قوللاپ كەلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.