پرېزىدېنت بۇش ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىدۋار
2008.01.10
ۋەزىپە ئۆتۈش جەريانىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۆزىنىڭ، بۇ يىل ئىچىدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تېنچلىق كېلىشىمى بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى پەيشەنبە كۈنى پەلەستىن مىللىي ھاكىميىتى ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى تېنچلاندۇرۇش ھەققىدە سۆھبىتىنى باشلىدى. چارشەنبە كۈنى بۇش ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى پېرىس بىلەن ئۈچ سائەتكە يېقىن سۆھبەتلەشكەن ئىدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى پېرىس بۇش بىلەن سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلارغا ئۆزىنىڭ ئابباس بىلەن بىرلىكتە تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
بىراق پېرىس سۆزىدە، ئەگەر غەززىدە خامماس كونتروللۇقىدىكى رادىكالچىلارنىڭ تەھدىتى داۋاملىشىۋەرسە پەلەستىنلىكلەر بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنىڭ يەنىلا قېيىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پرېزىدېنت بۇش ئىسرائىلىيىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ قارار چىقىرىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخىرقى قېتىم مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى بېكىتىشىنىڭ ئۆزى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، 9 - يانۋار كۈنى ئىسرائىلىيىگە يېتىپ بېرىپ، ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى، پرىزىدېنت بۇش 16 - يانۋارغىچە پەلەستىن، كۈۋەيت، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولماقچى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوتتۇرا شەرققە قارىتا زىيارىتىنى باشلىدى
- پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىدۇ
- ئىسرائىلىيە خاماس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى
- خەلقئارا جەمئىيەت ئىران مەسىلىسىنى قايتا باھالىشى مۇمكىن
- كاندىلىزا رايس: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن
- ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
- مىسىر ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشماقچى
- ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدا زىيارەتتە
- جورج بۇش: كۇبادا ھاكىمىيەت ئالمىشىدۇ، تەييارلىقىمىز بولسۇن
- كوندالىزا رايس ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
- جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ APEC باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا ئۇچراشتى









