ۋەزىپە ئۆتۈش جەريانىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۆزىنىڭ، بۇ يىل ئىچىدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تېنچلىق كېلىشىمى بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى پەيشەنبە كۈنى پەلەستىن مىللىي ھاكىميىتى ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى تېنچلاندۇرۇش ھەققىدە سۆھبىتىنى باشلىدى. چارشەنبە كۈنى بۇش ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى پېرىس بىلەن ئۈچ سائەتكە يېقىن سۆھبەتلەشكەن ئىدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى پېرىس بۇش بىلەن سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلارغا ئۆزىنىڭ ئابباس بىلەن بىرلىكتە تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
بىراق پېرىس سۆزىدە، ئەگەر غەززىدە خامماس كونتروللۇقىدىكى رادىكالچىلارنىڭ تەھدىتى داۋاملىشىۋەرسە پەلەستىنلىكلەر بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنىڭ يەنىلا قېيىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پرېزىدېنت بۇش ئىسرائىلىيىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ قارار چىقىرىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخىرقى قېتىم مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى بېكىتىشىنىڭ ئۆزى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، 9 - يانۋار كۈنى ئىسرائىلىيىگە يېتىپ بېرىپ، ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى، پرىزىدېنت بۇش 16 - يانۋارغىچە پەلەستىن، كۈۋەيت، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولماقچى. (ئەقىدە)