پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس "ئىسرائىلىيە بىلەن قايتا سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى - ئۇرۇشنى توختىتىش" دەپ كۆرسەتتى


2008.03.04

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە،ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس بۇ ھەپتە ئىچىدە ئوتتۇرا شەرققە قايتا سەپەر قىلدى. ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن نۆۋەتتە،ئىسرائىلىيە ‏- پەلەستىن مەسىلىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ كرىزىسقا يۈزلەندى.

بۇنىڭ ئالدىدا ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىغا راكىتا ئېتىش ھۇجۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان قايتارما زەربىسىدە بىر يۈز نەچچە پەلەستىن ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇت ئابباس مۇشۇ ھەپتە تىنچلىق سۆھبىتىدىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ قېتىم پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس رايس بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىسرائىلىيە بىلەن قايتا سۆھبەتنى باشلاشتا ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ھۇجۇمىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغان . ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مەخسۇس زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىدى زور ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزە تور بېتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رايىسنىڭ بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق سەپىرى پەقەتلا سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بەلكىم بىر قانچە كۈن ئىچىدە گازا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەسىلىنى ھەل قىلىش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇشى ناتايىن."

ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رايىس "پەلەستىندىكى بەزى ئەسەبىي كۈچلەر پەلەستىن ‏- ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، مەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن " دەپ بىلدۈرگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.