مىسىر ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشماقچى


2007.11.22

مىسىر ۋە تۈركىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئاناپولىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان" ئوتتۇرا شەرق تېنچلىقى يىغىنى" غا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، چارشەنبە كۈنى مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمېرت ۋە پەلەستىن رەئىسى ئابباسلار بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا مەزكۈر يىغىنغا 50 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ھەمدە تەشكىلات ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىدىغان سەئۇدى ‏ئەرەبىستان، ئىراق ۋە سۈرىيە دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشىدۇ. مەزكۈر يىغىنغا يەنە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمېرت بىلەن پەلەستىن رەئىسى ئابباسمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس: "ئەگەر بۇ قېتىمقى يىغىن ئىسرائىلىيە ‏- پەلەستىن ئىككى تەرەپنىڭ، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە سۆھبەت باشلىيالىسا، بۇ يىغىننىڭ چوڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ "دېدى. رايىس سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ 2009 ‏- يىلى، پرېزىدېنت بۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تېنچلىق كېلىشىمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە‏)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.