"خاماس" پارتىيىسىنىڭ پەلەستىن سايلىمىدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلىشى، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى ئەندىشىلەندۈردى. ئىسرائىلىيە تېررورچى تەشكىلات دەپ قاراۋاتقان "خاماس" نەچچە يۈزلىگەن ئىسرائىيىلىكنى ئۆلتۈرگەندىن سىرت، يەنە يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26 - يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەسستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ باش مىنىستىرى ئەخمەت قۇرە، ئۇزۇندىن بېرى ھاكىميەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان فاتاخ پارتىيىسى سايلامدا يېڭىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئىستىپا بەرگەن.
"خاماس" تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ دەرھال، فاتاخ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ماخمۇت ئابباس بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، فاتاخ ۋە باشقا پارتىيىلەر بىلەن سىياسىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى خاماس ھەرىكىتىنى ئۆز ئىىچگە ئالغان بىر ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماخمۇت ئابباس ھەر قايسى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنى، سايلام نەتىجىسىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ھەمدە ياۋرۇپا ھۆكۈمەتلىرى سايلام نەتىجىسىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەندىشىسىنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
پەلەستىننىڭ فاتاخ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەرەكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماخمۇت ئابباس ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى خاماسقا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن، لېكىن فاتاخ پارتىيىسى مەزكۇر ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىككە كەلمەيدىكەن. (ئەقىدە)