نامايىشچىلار ئابباسنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
2006.01.27
فاتاخ ھەرىكىتىنىڭ پەلەستىن پارلامېنت سايلىمىدىكى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، فاتاخ ھەرىكىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى جۈمە كۈنى گازادا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ رەھبىرى ماخمۇد ئابباستىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار، فاتاخ ھەرىكىتىنى خىيانەتچىلىك ۋە ئىقتىدارسىزلىق بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پەلەستىن پارلامېنت سايلىمىدا ئىسلامى رادىكال كۈچلەر خاماس ھەرىكىتىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا، فاتاخنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى خىيانەتچىلىك سەتچىلىكى ۋە ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەبچى بىلغان. خاماس سايلامدا پەلەستىن پارلامېنتىدىكى 132 ئورۇننىڭ 76 سىنى ئىگىلەپ، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ماخمۇد ئابباسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خاماستىن ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىنى تەلەپ قىلغان. خاماس ھەرىكىتى فاتاخ بىلەن " ھەمكارلىشىش ۋە شېرىكلىشىش " يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خاماس سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى جىددىي بېسىمىغا دۈچ كەلدى.
غەرب ئەللىرى، خاماس ئىسرائىلىيىنى خەرىتىدىن يوقىتىش پىلانىدىن ۋاز كەچمىگىچە پەلەستىنگە بېرىدىغان ياردەمنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. فاتاخ ھەرىكىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش جەريانىدا فاتاخ ھەرىكىتىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرىدىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار ئارىسىدا فاتاخ ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق قانىتىدىن ئەل - ئاقسا برىگادىسىنىڭ ئادەملىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ ئارىدا ب ب س نىڭ خەۋەرقىلىشىچە، گازادىكى خان يۇنۇس شەھىرى ئەتراپىدا خاماسنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن فاتاخ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، 3كىشى يارىلانغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خاماسنىڭ غەلىبىسى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە
- پەلەستىندىكى سايلام نەتىجىسىى، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى ئەندىشىلەندۈردى
- ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارون لىكۇد پارتىيىسىدىن چىكىندى
- ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلدى
- ئىسرائىلىيە گازا ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر قىسىم پەلەستىن زېمىنىدىن پۈتۈنلەي چېكىندى