سۆز قىلىشى چەكلەنگەن ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى قۇۋۋەتسىزلىككە گىرىپتار بولىدۇ

دۈشەنبە كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، بالىلار فوندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن "2007 ‏- يىللىق دۇنيا بالىلار ئەھۋالى" ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا "2007 ‏- يىللىق دۇنيا بالىلار ئەھۋالى" دوكلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش بولۇپ، دوكلاتتا ئاياللارنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى چەكلەنگەن ئائىللەردە بالىلار ئاسانلا قۇۋۋەتسىزلىككە گىرىپتار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاياللار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئاياللارنىڭ ئائىلىدە سۆز قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىگە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھوقۇقى، سودا قىلىش ھوقۇقى شۇنىڭدەك ئۇرۇق - تۇققان دوستلىرىنى يوقلاش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلار كىرىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە، ئانىلارنىڭ روھى كەيپىياتى بالىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلام ئۆسۈشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ مۇدىرى ": ئاياللار ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندا، ھەمدە ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي كۈچىنى جارى قىلدۇرالىغاندا، بالىلار ۋە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر خوشاللىققا ئىگە بولالايدۇ" دېدى.