ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2005.06.08
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ خىتاي خەلقىغە، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىك نەتىجىلىرى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپوزلۇق ئەزالىرىدىن كىرستوفېر سىمىس ۋە مەركىزى ۋاشنگتوندىكى "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تەتقىقاتى فوندى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئورونلاشتۇرۇلغان يىغىنغا، ئاتاتلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىئەتچىسى رابىيە قادىر، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رە ئىسى كارل گېرىشمىن، "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تەتقىقاتى فوندىنىڭ رە ئىسى خەررى ۋۇ ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ۋە تىنچ- ئوكيان بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ت . كۇمار ۋە فۇجيەن ئۆلكىسى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى گاۋ شياۋ دۇئەن قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىغە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرىنى ئىسپاتلىق پاكىت ۋە مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى نىسبىتى يۇقىرى رايون، دەپ ئېلان قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بىر بالىلىق بولغان دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ سانى ئاشماقتا
- رابىيە قادىر ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىقىنى پاش قىلدى
- ئۈرۈمچىدە، تۇغۇلۇش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى