ئامېرىكا ب د ت دىن خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت پروگراممىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى


2005.06.23

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس ئىدارىسىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈزگۈزۈشتە ئىشلىتىۋاتقان مەجبۇرلاش، مەجبۇرى بالا ئالدۇرۇش شۇنداقلا پۇقرالارنى بىر پەرزەنتلىك سىياسىتىگە بويسۇندۇرۇش يولىدا جازالاشنى توختاتمىغىچە، خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئائىلە پىلانى پروگراممىمىسنى توڭلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاخىرقى 3 يىلدىن بېرى، ئامېرىكىنىڭ ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە بېرىدىغان 33 مىليون دوللار ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنى خىتاينىڭ مەجبۇرلاش، مەجبۇرى بالا ئالدۇرۇشقا تايانغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئەمما، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئاساسسىز دەپ، رەت قىلماقتا. ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدىمۇ، نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتايدا " مەجبۇرى بالا ئالدۇرۇش ياكى مەجبۇرى قىسىرلاشتۇرۇشنى بىلىپ تۇرۇپ قوللىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق، دەپ تەكىتلەنگەنلىكىنى بايان قىلماقتا.

لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس ۋە مۇساپىرلار ئىشلىرىدىن مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېللىي رىيان، چارشەنبە كۈنى ب ت د نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە يىغىنىدا، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى ب د ت نىڭ تەستىقى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقاندەك بىر تەسسەۋۋۇر پەيدا قىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.