تۈركىيە بىلەن ئىراق كۇرد پارتىزانلىرىنى بىرلىكتە باستۇرماقچى

ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر بېرىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردۇغان، 23 - ئۆكتەبىر ئەنگلىيىگە يېتىپ كېلىپ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بىلەن تۈركىيە كرىزىسى ھەققىدىكى سۆھبىتى جەريانىدا،ئىراقنىڭ تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد پارتىزانلىرىغا بىرلىكتە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ‏- ئىراق چېگرىسىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى كۇرد پارتىزانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 12 نەپەر تۈرك ئەسكىرى ئۆلگەن 16 سى يارىلانغان شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر يەنە سەككىز ئەسكەرنىڭ ئىز دېرىكى ئېلىنمىدى. بۇ تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن كۇردلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئادەم چىقىم بولغان بىر قېتىملىق قوراللىق توقۇنۇش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرى ئىراق چېگرىسى ئەتراپىدا كۇرد پارتىزانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتىدە 30 دىن ئارتۇق كۇرد قارشىلاشقۇچىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلق نارازىلىق نامايىشلار ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۇردلارغا قارشى يەنىمۇ جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيە ئىچىدە خەلقنىڭ كۇردلارنى باستۇرۇشتا جىددىي تەدبىر قوللىنىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۇردلارغا قارىتا تەمكىن پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكىدەك تاشقى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا تۈركىيىنىڭ كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەندىن سىرت، ئالدىنقى كۈنى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كۇردلارنىڭ تۈركىيىگە قايتا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قوللىنىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان ئىدى. (گۈلچېھرە)