كاندىلىزا رايس: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن
2007.11.28
ئىسرائىلىيە- پەلەستىن تىنچلىق يىغىنى 27 - نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئانناپولىس شەھەرچىسىدە ئېچىلىپ، يەتتە يىلدىن بۇيان ئۈكسۈپ قالغان تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىدىغان بىر كومىتېت تەشكىللەندى. ئۇ 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاق سارايدا ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ئولمېرت بىلەن پەلەستىن ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى قوبۇل قىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا ئېچىلغان ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق يىغىنىغا ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 نەچچە ئەرەب دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. يىغىندا ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ئولمېرت "ھازىر تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پەيت كەلدى، ئەمدى ئەرەب دۆلەتلىرى يەنىلا بىر ياندا قاراپ تۇرۇۋەرمەي، تەشەببۇسكار تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، تىنچلىق ھەممىمىزگە كېرەك" دېدى. مەخمۇد ئابباس "تىنچلىق ھەممىمىزگە كېرەك، ئەمما ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ھېچقايسى تىنچلىقنى قارشى تەرەپتىن تىلەپ ئالمايدۇ. ھازىر قان تۆكۈش، زوراۋانلىق، ئىشغالىيەتچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيت كەلدى " دېدى. ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ باش كاتىبى مۇسا يىغىندا 2002 - يىلىدىكى تەكلىپىنى يەنە تەكرارلاپ 'ئىسرائىلىيە بېسىۋالغان جايلاردىن چىقىپ كەتسە، ئاندىن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتە مۇرەسسە قىلىدۇ" دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كاندىلىزا رايس 'بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر قېيىن. خەتىرى يوق ئەمەس. ئەمما بۇ يىغىننىڭ روھى خەلقئارا جەمئىيەت تاللىۋالغان بىردىنبىر يول، پرېزىدېنت بۇش بىلەن مەن شۇنداق قارايمىزكى، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن' دېدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
- مىسىر ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشماقچى
- ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدا زىيارەتتە
- كوندالىزا رايس ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
- لىۋان ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن ئىسلامىي كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى خادىملىرى تېنچلىق ۋەكىلى بىلايېر بىلەن ئۇچراشتى
- جورج بۇش خەلقئارا يىغىن چاقىرىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى
- ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدۇ
- پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى