پولشا تەپتىش ئورگانلىرى 1981 - يىلى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن سابىق پرېزىدېنت ئۈستىدىن سوتقا شىكايەت سۇندى
2007.05.03
پولشا تەپتىش ئورگانلىرى 1981 - يىلى پولشادا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن سابىق پرېزىدېنت يالۇزېرسكىنى ئېغىر كوممۇنىزم جىنايىتى' ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلەپ سوتقا شىكايەت سۇنغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەگەر بۇ شىكايەت سوتتا غەلىبە قىلسا، 83 ياشلىق كوممۇنىست يالۇزېرسكى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، يالۇزېرسكى بىلەن بىر قاتاردا سابىق پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى (كوممۇنىست پارتىيە) ۋە پولشا ھەربىي قىسىملىرىدىكى 8 نەپەر ئەمەلدارنىڭ ئۈستىدىنمۇ شىكايەت سۇنۇلغان.
پولشادا 1981 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەندە، پولشادا ئىتتىپاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، پولشا خەلقى ئىچىدە دېموكراتىك ھەرىكەت ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىدى. (ۋەلى)
©
2007 Radio Free Asia