ۋاتىكان پوپى بەنىدىك XVI بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا تۇنجى قېتىم سۆھبەتلەشتى
2007.11.07
ۋاتىكان پوپى بەنىدىك XVI ئىككى ھەرەمنىڭ قوغدىغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاتىكاندىن خەۋەر قىلىشىچە، ۋاتىكان پوپى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنجىل ۋە كرېست بەلگىسى مەنىي قىلىنغان مۇقەددەس ھەرەمگاھىنىڭ قوغدىغۇچىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋاتىكاندىكى شەخسى كۈتۈپخانىسىدا ئۆتكۈزگەن قىزغىن سۆھبەت يېرىم سائەت داۋاملاشتى.
ۋاتىكان تەرەپنىڭ بايان قىلىشىچە، سۆھبەتنىڭ قىممىتى كاتولىك، خىرىستىئان، يەھۇدىلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن دىنلار ئارا ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا ھەمكارلىشىشىغا مۇجەسسەملەشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ۋاتىكان پوپى بەنىدىك XVI گە ياقۇت بىلەن زىننەتلەنگەن ئالتۇن قىلىچ تەقدىم قىلدى. ۋاتىكان پوپى بولسا پادىشاھ ئابدۇللاغا 16 - ئەسىردە بېسىلغان كاتولىك نىزامى ۋە ۋاتىكان ئالتۇن مىدالى تەقدىم قىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ۋاتىكان پوپى 890 مىڭ فىلىپىنلىك كاتولىك ئىشچىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى قەدىرلەپ تىلغا ئالدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دالاي لامانىڭ ۋاتىكاننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇردى
- مۇسۇلمان ئايالنى ھاقارەتلىگەن ئەنگىلىيىلىك سوت ھۆكۈمىگە ئۇچرىدى
- ئىسلام ئۆلىمالىرى رىم پاپاسىغا خەت يازدى
- دالاي لاما رىم پاپاسى بىلەن كۆرۈشتى
- تارىختا يۈز بەرگەن مەدەنىيەتسىزلىكلەرنى دىن كەلتۈرۈپ چىقارمىغان
- كاراچىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى
- ب د ت باش كاتىپى كوفى ئانان مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەيدىغان كارتونلارنى بېشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
- بۇش، دۆلەتلەرنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ رەسىمى سەۋەبىدىن چىققان قارشىلىقلارنى توساشقا چاقىردى
- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى رەسىمى "يەر شارى خاراكتېرلىك كرىزىس" ياراتتى
- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى رەسىمى غەزىپىنى قوزغىغان مۇسۇلمانلار نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلدى