تۈركىيەدىكى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 4 كىشى قازا تاپتى

چارشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە يېقىن جايدا ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 4 كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 70 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تۈركىيە تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەنى، سوقۇلغان بىر پويىزنىڭ قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ئوخشاش رايوندا، پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 37 كىشى قازا تاپقان ۋە 80 دىن ئوشۇق كىشى يارىلانغان ئىدى.

نۆۋەتتە قۇتقۇزغۇچى خادىملار بۇ ۋەقەدە يارىلانغانلارنى ددوختۇرخانىغا يۆتكەش بىلەن بىرگە، پويېزغا قامىلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا. (پەرىدە)