ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش، خىتاينىڭ نۆۋەتتە خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش نىسبىتىنى بوشىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئامېرىكا، خىتاينىڭ تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دېدى.
پرېزىدېنت بۇش سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى CNBC يەنى مالىيە ئىقتىساد تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، "ھۆكۈمىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىزچىل تۈردە خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ دوللار بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى قايتا تەڭشەشكە دەۋەت قىلىپ كەلدۇق" دەپ بىلدۈردى.
مۇخبىر پرېزىدېنت بۇشتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق بېسىم ئاستىدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىغاندا، بۇش " بۇنى قىياس قىلىش تەس. چۈنكى خىتاي، روشەنلىك دەرىجىسى بولمىغان بىر جەمئىيەت" دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىگە نارازى بولۇپ، ھەتتا بېيجىڭغا جازا خاراكتېرىدىكى تاموژنا بېجى قويۇش تەكلىپىنى سۇنغان ئىدى. (پەرىدە)