ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى چىڭىتماقتا


2005.04.24

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارغانسىرى خىتايغا قاراتقان سودا قاتارلىق مەسىلىلەردىكى سىياسىتىنى چىڭايتىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بارغانسىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇپ، سودا تەتۈر بالانىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ تەسىرىدە، بۇش ھۆكۈمىتى خىتاي سىياسىتىنى بارغانسېرى چىڭايماقتا. ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا بۇش ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ تىگىشىش قىممىتىنى قويۇۋېتىش مەسىلىسىدە بېيجىڭغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتكەن.

ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسى يەنە بۇ ئايدا قارار ماقۇللاپ، ئەگەر خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئالتە ئاي ئىچىدە قايتا باھالىمىسا، خىتاي ماللىرىغا 27.5٪ تاموژنا بېجى ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغان. ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى نامزاتى روب پورتمەنمۇ ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئۇ ۋەزىپە ئۆتىسە، ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى باشتىن ئاخىر قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بۇنىڭدىن سرت، ئامېرىكا يەنە خىتايغا شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش ھەققىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.