پۇتىن خىتاي زىيارىتىدە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى


2004.10.14

روسىيە پرېزدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلىپ، چېچەن پىدائىيلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بىرلىكتە باستۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋىلادېمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى خىتايغا قىلىدىغان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلاپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارسۆھبەتتىن كىيىن، ئىككى دۆلەت سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىلىشىملەرنى ئىمزالىغاندىن سىرت، تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلغان.

خىتابنامىدە: "خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ. روسىيىدىكى چېچەن ئۆكتىچىلىرى ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى خەلقئارا تېرروچىلىقنىڭ بىر قىسمى، ئۇلار خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشنىڭ زەربە بېرىش نىشانى بولىشى كېرەك" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ۋىلادېمىر پۇتىن بۇ قېتىمقى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىدە،روسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي بولسا پۇتىننىڭ زىيارىتى ئارقىلىق، روسىيە بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئانگىرىسكىي نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى خىتايغا تۇتاشتۇرۇش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانغان. پۇتىن نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە خىتايغا ھىچقانداق ۋەدە بەرمىگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.