رۇسىيە پرېزىدېنتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلدى


2005.04.29

ئوتتۇرا -شەرق ئەللىرىدە زىيارەت سەپىرىدىكى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن جۈمە كۈنى پەلەستىننى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىنىڭ پەلەستىن ئىقتىسادىغا ۋە پەلەستىن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەربىيىلەش يولىدا ياردەم بېرىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى.

ئوتتۇرا -شەرق ئەللىرىدە زىيارەت سەپىرىدىكى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن جۈمە كۈنى پەلەستىننى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىنىڭ پەلەستىن ئىقتىسادىغا ۋە پەلەستىن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەربىيىلەش يولىدا ياردەم بېرىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە پرېزىدېنتى جۈمە كۈنى غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ مەركىزى راماللاھدا ماخمۇد ئابباس بىلەن ئۇچراشتى. بۇ رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم پەلەستىننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پۇتىن، بۇنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە تارىخىدىكى ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى رەھبەر بولۇپ قالدى. پرېزىدېنت پۇتىن ماخمۇد ئابباس بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، " بىز پرېزىدېنت ئابباسنىڭ بىخەتەرلىك ئىسلاھاتى شۇنداقلا تېروروچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايمىز،" دىدى.

پۇتىن، رۇسىيىنىڭ پەلەستىنگە تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافاتنىڭ قەۋرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى. پرېزىدېنت پۇتىن، پەلەستىنگە كېلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىنىڭ سۈرىيىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش شۇنداقلا ئىراننى يادرو ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش پىلانى، ئىسرائىلىيىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقى توغرىسىدا تېلئاۋىفنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشقان. ئەمما رۇسىيە پرېزىدېنتى بىلەن ئۇچراشقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارون، موسكۋا بىلەن سۈرىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو ئەسلىھەلەر سودىسىغا قارشى تۇردى.

رۇسىيە، ئىسرائىلىيە بىلەن 1991 - يىلدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان . پۇتىننىڭ ئىسرائىلىيە زىيارىتى، رۇسىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم باسقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.