رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى
2005.11.20
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى. رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، پۇتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پۇتىن ياپونىيە باش ۋەزىرى كويزۇمى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارغا قارىتىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭدا يەنىلا ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى تۆت ئارال مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى، ياپونىيە ئۇزۇندىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تۆت ئارالنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىم پۇتىن بىلەن بىرگە 100 نەپەر رۇسىيە سودىگىرى ياپونىيىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە تىجارەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىق سۆھبەتلىرى ئېلىپ بارىدىكەن.
پۇتىن يەنە ياپونىيىنىڭ رۇسىيىنىڭ خەلقئارا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا ئىككى دۆلەت نېفىت ئېنېرگىيە سودىسىنى باغلايدىغان ئانگارسكىي –ناخودكا نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى مەسىلىسىمۇ بەلكى بۇ قېتىم ئاخىرقى خۇلاسىلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۇتىن موسكۋادا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى
- ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلىدى
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلدى
- پۇتىن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى دۇنيا سىياسى جۇغراپىيىسىدىكى زور پالاكەت