رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك زىيارىتىنى باشلىدى. پۇتىن يەكشەنبە كۈنى مايىن شتاتىغا يېتىپ كېلىپ، ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى كېننېبۇنكپورت دېگەن جايدىكى پرېزىدېنت بۇشنىڭ تۇرالغۇسىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
پۇتىننىڭ بۇ قېتىم بۇشنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشى ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يېقىندىن بۇيان شەكىللەنگەن ھەمدە ئىختىلاپلىق تۈس ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن.
پۇتىن بۇ نۆۋەت ئامېرىكىدا ئىككى كۈن زىيارەتتە بولىدۇ، بۇ جەرياندا ئىككى رەھبەر كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسى شۇنىڭدەك ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار خەلقئارالىق ھەم رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ پولشا بىلەن چېختا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، گەرچە ۋاشىنگتون كۆپ قېتىم بۇنىڭ رۇسىيىگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق، موسكۋا ئىزچىل ھالدا مەزكۇر سىستېمىدىن قورقۇپ كەلگەن. ئۆتكەن ئايدا پرېزىدېنت بۇش پراگادا زىيارەتتە بولغاندا ھەمدە گېرمانىيىدىكى سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا پۇتىننى قورقماسلىققا دەۋەت قىلغاندا پۇتىن مەزكۇر سىستېمىنى ئەزەربەيجانغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كوسوۋا مەسىلىسىدە ئامېرىكا رۇسىيىدىن ب د ت نىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقى لايىھىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئىزچىل ھالدا كوسوۋانى سېربىيىنىڭ بىر ئاپتونوم ئۆلكىسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىغە قارشى چىققان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاشىنگتون موسكۋانى دېموكراتىيىدە چېكىنىپ كەتكەنلىكى بىلەنمۇ تەنقىد قىلغان ئىدى.
رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى كۆزەتكۈچىلىرى بۇش -پۇتىن ئۇچىرىشىشىنىڭ كرېمىل بىلەن ئاق ساراي ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش شۇنىڭدەك ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي كورىيە ۋە باشقا مەسىلىلىرىدىمۇ ئىككى تەرەپ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن چۈشەنچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. بۇ قېتىم چوڭ بۇشمۇ پۇتىن بىلەن ئائىلىۋى دوستلار شەكلىدە كۆرۈشسىمۇ، لېكىن رەسمىي سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلمايدىكەن. (ئۈمىدۋار)