پۇتىن غەربنى ئاگاھلاندۇردى
2008.02.10
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 8- فېۋرال كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيىنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن قوراللىرىنى يېڭىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن غەربنىڭ رۇسىيىنى بىھۇدە ئەيىبلىشىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتتە رۇسىيىنىڭ بۇ سەككىز يىل ئىچىدە مائاش ۋە پېنسىيە سوممىلىرىنىڭ ئۆسكەنلىكى، پارىخورلۇقنىڭ ئازلاپ، دۆلەتنىڭ خەلقئارا سەھنىسىدىكى ئوبرازىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئىسلاھاتلارنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما، ئۇ رۇسىيىنىڭ مالىيە ۋە باشقۇرۇش ھەم ئېكولوگىيىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغان تېخنولوگىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇش لازىملىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە رۇسىيىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلىپ قىلارلىق دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مۆھلىتى 3-ئايدا توشىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ، بۇ دۆلەتنى يەنىلا ئىدارە قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولماقتا. پۇتىن ئۆزىنىڭ نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە پولشادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ ناتو ۋە ئامېرىكىنىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن رۇسىيىنىڭ يېڭى قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىدە ئىرقىچىلىقنىڭ كۈچىيىشى ئېغىرلاشماقتا
- رۇسىيىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۆتكەن يىلى ئەڭ ئېغىر بولدى
- پۇتىن رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەممۇ؟
- مۇتەخەسسىسلەر ":پوتىن مەيلى قانداقلا ھوقۇق تۇتمىسۇن روسسىيە ھاكىمىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ"
- تەبىئي گاز سودىسى رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيىنىڭ بىرلىشىش مەسىلىسى بىلەن باغلانغان
- ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى
- پۇتىن ئۆزىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سالاھىتىدىن ۋاز كەچتى
- ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
- رۇسىيىدە پارلامېنت سايلىمى باشلاندى، پۇتىن بېلەت تاشلىدى
- رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى









