پۇتىن بىلەن بۇش خاماسنىڭ موسكۋا زىيارىتى ھەققىدە سۆزلەشتى


2006.03.05

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشقا تېلېفون بېرىپ، خاماس ۋە ئىراننىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رۇسىيىدە زىيارەتتە بولغانلىقى ھەمدە رۇسىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان مەيدانى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بۇش پۇتىنغا خاماسنىڭ ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە قوراللىق ھەرىكەتتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى تەكىلىگەن.

رۇسىيە ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى يەنە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەن بولۇپ، بىراق ئاق ساراي بىلەن كرېمىلنىڭ ئىران مەسىلىسى ھەققىدە قانداق پوزىتسىيىگە كەلگەنلىكى تېخى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانمىدى.

بۇ يىل 1-ئايدا سايلامدا غەلىبە قىلغان پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىسلامىي تەشكىلات خاماس ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن موسكۋاغا تەكلىپ قىلىنغاندا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان ئىدى.

خاماسنىڭ ئالتە كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە موسكۋاغا كېلىپ، رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى جۈملىدىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروپ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە، خاماس ۋەكىللىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروپنىڭ خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ھەم ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئەگەر ئىسرائىلىيە 1967-يىلى بېسىۋالغان زېمىنلەردىن چېكىنىپ چىقمىسا ھەمدە تۈرمىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بەرمىسە ۋە پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرمىسا، خاماسنىڭ ئۆز مەيدانىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭدەك ئەگەر ئىسرائىلىيە قورال ئىشلەتمەسلىككە ماقۇل بولسىلا، خاماسنىڭمۇ بىر يىل ئۇرۇش توختىتىدىغالىقىنى بىلدۈرگەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.