22 نەپەر خىتاي قاچاقلىرى ئامېرىكىدا قولغا ئېلىندى
2006.04.06
پاراخوتتىكى يۈك ساندۇقىغا يوشۇرۇنغان 22 نەپەر خىتاي پۇقراسى، خىتايدىن ۋاشىنگتون شىتاتىغا تەۋە سىياتىل شەھىرىگە قانۇنسىز قېچىپ كېلىپ، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
ئامېرىكا چېگرا مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سىياتىل پورتىنىڭ چېگرا ئېغىزىدا 18 نەپەر ئەر بىلەن 4 نەپەر ئايالنى بايقىغان، بۇ كىشىلەر يۈك ساندۇقى ئىچىدە 2 ھەپتىگە يېقىن يوشۇرۇنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ھېچقانداق دەخلىگە ئۇچرىمىغان.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، 23 - مارت كۈنى شاڭخەيدىن ئايرىلغان يۈك پاراخودىغا قاچىلانغان مەزكۈر يۈك ساندۇقلىرى، ئامېرىكا چېگرا ئېغىزىغا كەلگەندە تەكشۈرۈلگەن ئىكەن.
خىتايدىكى ئىلان بېشى نامىدىكى، چەتئەللەرگە خىتاي پۇقرالىرىنى يۆتكەيدىغان قارا گۇرۇھ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئادەم قاچۇرۇش تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە، ئىلان بېشى قاچاقچىلىق گۇرۇھى ئادەم بېشىغا ئاز دېگەندە 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھەق ئېلىش ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن چەتئەللەرگە يۆتكەيدۇ.
2000 - 2001 - يىلى ئامېرىكىنىڭ سىياتىل شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئىلان بېشى قاچاقچىلىق دىلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا قاچقۇنلاردىن بىر قانچىسى يۈك ساندۇقى ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان. ئامېرىكا دائىرىلىرى ھازىرچە بۇ 22 كىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلاي دەپ قالدى
- خىتاي ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى رەت قىلدى
- ئۇكرائىنىيەدە 90 نەپەر خىتاي پۇقراسى قولغا ئېلىندى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش قانۇنى ماقۇللىدى
- ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھەققىدە تەھدىد سالغان بىر خىتاي قولغا ئېلىندى