ئامېرىكىدا "قانۇنسىز ئىشچىلارسىز بىر كۈن"

ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز مۇساپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نامايىش ، ئىش تاشلاش، بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك، دۇكانلاردىن بىر نەرسە سېتىۋالماسلىق قاتارلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى نارازىلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن ئامېرىكىدىكى تەشكىلاتلار، دۈشەنبە كۈنىنى "قانۇنسىز ئىشچىلارسىز بىر كۈن" دەپ ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان پۈتۈن ئىشچىلارنى بىر كۈن ئىشقا بارماسلىققا چاقىرغان ئىدى، ئەمما نۇرغۇن ئىشچىلارنىڭ ئىشىدىن رۇخسەت ئالالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشچىلارنىڭ باشقا ئۇسۇللاردا نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا 12 مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ قانۇنسىز تۇرۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. يېقىندا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان قانۇن لايىھىسى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ۋەكىللەر، ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلارغا ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش ئىمكانىيىتى تونۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر ئۇلارغا پەقەت ۋاقىتلىق ئىشلەش ھوقۇقى بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدا يېقىندىن بېرى قانۇنسىز مۇساپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ، يېڭى قانۇننىڭ قانداق شەكىللىنىشىدە بەلگىلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. (قانات)