ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 3 تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، خىتاينى دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى ۋە 4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئاۋام پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى ماقۇللىغان - 13نومۇرلۇق قارارنىڭ 3 ماددىسى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قارار لايىھىسىنىڭ 608 - ماددىسىدا " جۇڭگونىڭ دىنىي زىيانكەشلىكنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىمىز" دېيىلگەن. 804 - ماددىسىدا خىتاينىڭ كاتولىك چېركاۋلىرىغا " رىم ۋاتىكانىنىڭ رۇخسىتىسىز بىشوپ تەيىنلىگەنلىكى ئەيىبلەنگەن" . قارار لاھىيىسىنىڭ 794 - ماددىسىدا " تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرلەيدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن.

بۇ يىل - 4 ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە 17 يىل بولىدۇ. تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش تەكلىپ لايىھىسىنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ " تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك " دېدى. كرىستوفىر سىمىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان نۇرغۇن ياشلار ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ، " بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولماسلىقى كېرەك " دەيدۇ.

كرىستوفىر سىمىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ 17 يىل جەريانىدا خىتاي بويىچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك چوڭ ۋەقە يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى ئەھۋاللار ھەر كۈنى دېگۈدەك سادىر بولماقتا. (ئەركىن)