ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-تەقدىرىنى بەلگىلەش مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى كېرەك


2007.03.01

روزۋېلت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى Christin Aucunus بىرىنچى مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى.

Christin Aucunus ۋاشىنگتوندىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گېزىتى بولغان The Daily Colonial نىڭ توربېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا "بىز ئىسلام دۇنياسىدا ئوبرازىمىزنى قايتىدىن تىكىشىمىز لازىم. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان بىر خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، خىتاينى سۆھبەتكە زورلىشى كېرەك" دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق بىر ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەر ئىچىدىكى ئوبرازىنىڭ قايتىدىن ياخشىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىكەن ھەمدە مۇسۇلمان دۆلەتلەردە، غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى مەۋجۇت ھېسسىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى، خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر پەللىگە يەتكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.