قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزدى

يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى 21-ماي كۈنى مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىلاشقان بولۇپ، ئەگەر 55% ئادەم مۇستەقىللىقنى قوللاشقا بېلەت تاشلىسا، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى رەسمى مۇستەقىللىق جاكارلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن.

قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى ئەسلىدە يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 90-يىللاردا يۇگوسلاۋىيىگە تەۋە خارۋاتىيە، سلوۋېنىيە، ماكېدونىيە قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يۇگوسلاۋىيە تەركىبىدە قېلىشنى قارار قىلغان ھەمدە سېربىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنى " سېربىيە-قارا تاغ " دەپ ئاتىغان شۇنىڭدەك ئۈچ يىلدىن كېيىن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق كېلەچەك سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەشنى قارار قىلغان ئىدى. ئاخىرى، 14 يىلدىن كېيىن، بۇ ئەمەلگە ئاشتى.

قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىگ ئاھالىسى 700 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، قارا تاغلىقلار سېربلەر بىلەن تىل ۋە دىن جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە. قارا تاغ رەھبەرلىرى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىل بولۇپ، ياۋروپا بىلەن بىرلىشىش قەدىمىنى بېسىش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قارا تاغلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇستەقىل بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرمەكتە.(ئۈمىدۋار)