سېربىيە قارا تاغلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى

سېربىيە ھۆكۈمىتى، ئۇزۇن يىللار سېربىيە بىلەن بىر فېدېراتسىيە ئىچىدە ياشىغاندىن كېيىن، 6 – ئاينىڭ بېشىدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان قاراتاغ دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى.

قاراتاغ خەلقى ئۆتكەن ئاي قاراتاغنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەلقنىڭ رايىنى سىناشتا، سېربىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى خالايدىغانلقىئىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

نوپۇسى 1 مىليونغا يەتمەيدىغان قارا تاغلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بېلگراد ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كېرەك بولغان شارائىتلارنى ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭدەك قارا تاغنىڭ خوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ئارىدا ، ئەنگىلىيە، خىتاي ۋە تۈركىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ، قارا تاغ دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە سېربىيەلىكلەر بىلەن قارا تاغلار ئۇزۇن دەۋىرلەردىن بۇيان بىر فېدېراتسىيە ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ ئەمما، سېربىيەلىكلەر قارا تاغلارنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ياشاش ئەركىنلىكىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ۋە نەتىجىدە قاراتاغ خەلقى مۇستەقىللىقنى تاللىۋالغان ئىدى.