قازاقىستان: رۇسلارنى رۇسىيىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىقتىسادىي جەھەتتىن قازاقىستانغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن

8‏- ئاينىڭ 15‏- كۈنى قازاقىستان باش مىنستىرى دانىيال ئەخمەتوف، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان رۇسلارنى رۇسىيىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قازاقىستانغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دېدى.

ئازاتلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەتوف ئاستانادا قازاقسىتان دۆلەت كابىنىتىنىڭ يېغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ پىلانى قازاق بولمىغان مىللەتلەرنى قازاقىسىتاننى تەرك ئېتىشكە ئۈندەيدۇ، دېگەن.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر پىلانغا ئاساسەن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەردىن رۇسىيىگە كۆچۈپ كېلىشنى خالىغان رۇسلارغا نەق پۇل بېرىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىنى ئېلىش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى رۇسىيىدە نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 15 مىليون 4 يۈز مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭ 45% دىن كۆپرەكى قازاق بولمىغان مىللەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. رۇسلار بولسا ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئۈچتەن بېرىنى تەشكىللەيدۇ. قازاقىستان باش مىنستىرى ئەخمەتوف سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، كۈنسېرى تەرەققى قىلىۋاتقان قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىن كۆپلىگەن ئىشچىلارنى قازاقىستانغا جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيىنىڭ پىلانى بۇ جەريانغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دېدى. (قانات)