قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن رۇسىيە قەدىمكى ئۇيغۇر پور-باجىن قەلئەسى فوندى كېلىشىم ھاسىل قىلدى

20 - فېۋرال كۈنى موسكۋادا پور-باجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى مەدەنىيەت فوندى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە موسكۋا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت جەمىيىتى ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

پور باجىن قەدىمكى قەلئەسى مەدەنىيەت فوندىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موسكۋادا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ساھىبخانى شىتابى موسكۋادىكى پور باجىن قەلئەسى مەدەنىيەت فوندى بولۇپ، مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مىنېرالوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابلىز ئابدۇللايېۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، رۇسىيە تەرەپتىن رۇسىيە دۆلەتلىك شەرق مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەزكۇر فوندىنىڭ باشلىقى قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار ئىشتىراك قىلغان.

دوكتور ئابلىز ئابدۇللايېۋ پور باجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنىڭ يېتەكچىسى، رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، پور باجىن قەدىمكى قەلئەسى مەدەنىيەت فوندىنىڭ باشلىقى مارىنا ئىگناتوۋا ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىغا قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلىپ، موسكۋاغا چاقىرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

رۇسىيە ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تېرە كۆلگە جايلاشقان مىلادىي 8 - ئەسىردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى مويۇنچۇرنىڭ قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان پور باجىن قەلئەسىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، تەتقىق قىلىش ھەمدە مەزكۇر قەلئەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنىڭ زور تارىخىي، مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن رۇسىيە تەرەپ قەدىمكى قەلئەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھەر جەھەتتىن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش شۇنىڭدەك دەرھال بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر قەلئەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن مەزكۇر قەلئەنى ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)