كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: كىشىلىك ھوقۇقنى بىخەتەرلىككە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ
2007.08.17
مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى باشلىقلار يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، دەپ ئەيىبلىدى شۇنداقلا قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ يىغىن جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى چەكلەيدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يىغىندىن بۇرۇن ۋە يىغىن جەريانىدا بىشكەكتىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۇلار بىئارام بولىدىغان ۋاسىتىلار بىلەن تەكشۈرۈپلا قالماي، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان بەزى ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى خوللېي كارتنېر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا"شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ نىزامنامىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە ئاساسى ئەركىنلىكنى قوغداش ھەققىدە ماددىلار بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆلۈك نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق بىلەن بىخەتەرلىك بىر - بىرىگە قارشى نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك،" دەيدۇ.
باياناتتا، قىرغىزىستان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى تۇرسۇن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىشىرنىڭ 30 - ئىيۇل كۈنى بېشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، غەرب ئەللىرىنى قىرغىزىستاندا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرسا، قىرغىز ساقچىلارنىڭ تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئوغلى ئەلىشىرنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە ئەلىشىرنىڭ بىر قانچە كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. خوللېي كارتنېر،" قىرغىز دائىرىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش باھانىسىدا بىر چەتكە قايرىپ قويدى،" دەپ كۆرسەتتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بېشكەكتىكى باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى " تىنچلىق بۇرچى2007 " ھەربىي مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى
- خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىرانلار ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن نېرى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى باشلاندى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرى رەسمىي باشلاندى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى نارازىلىقى بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
- قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا 2008-يىلى ئامېرىكىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شىۋىتسىيە زىيارىتىنى رەسمى باشلىدى
- ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا
- قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىلىرىنىڭ بىرى قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىر فدراتىسىيە قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى