قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىلىرىنىڭ بىرى قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىر فدراتىسىيە قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى

شەنبە كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىلىرىنىڭ بېرى ھېسابلانغان " قىرغىزىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بىرلەشمە فرونت" قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىر فدراتىسىيە قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكدىن خەۋەر قىلىشىچە، "بىرلەشمە فرونت" نىڭ رەئىسى سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فىلىكس قولۇف، رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا بىر فدراتىسىيە قۇرۇش مەسىلسىدە رىفراندوم ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قولۇف، فدراتىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىرنېمە دېمىگەن، لېكىن بۇ فرانسىيىنىڭ ئوخشاش پۇل ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، تاموژنا ئىشلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ نىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشمە فرونت، مەزكۇر پارتىيىنىڭ 7‏- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتىيىغىچە، رۇسىيە بىلەن فدراتىسىيە قۇرۇش مەسىلسىنى خەلقنىڭ رايىغا قويۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 3 يۈز مىڭ ئىمزا يېغىدىكەن.

ئەمما، قىرغىزىستاندىكى باشقا سىياسىي ئۆكتىچىلەر شۇنداقلا رۇسىيە رەھبەرلىرى بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، بۇ تەكلىپنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى قىيىن دەپ، كۆرسەتمەكتە.

رۇسىيە پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئولېگ موروزوف، بۇ پەقەت بىر تەرەپنىڭ قارارى بىلەن بولۇدىغان ئىش ئەمەس. ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ھەققىدە رۇسىيىدە ھېچقانداق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلمىدى، دېگەن. (ئۆمەر قانات)