قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە "گۈزەل كېلەچەك فرونتى" نىڭ باشلىقى فېلىكس قۇلوف، 30 - ماي قىرغىزىستان ن ت ب تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن سىياسىي ئىتتىپاق تۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
فېلىكس قۇلوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككىنچى قېتىملىق قىرغىزىستان خەلق قۇرۇلتىيى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىتتىپاق قۇرۇش ئىدىيىسى يىغىن كۈن تەرتىپىگە قويۇلىدىكەن.
"نۇرغۇنلىغان قىرغىز پۇقرالىرى رۇسىيىدە ھايات كەچۈرۈش ۋە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشماقتا ۋە قىرغىزىستاندا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ ئىتتىپاقداشلىقنى شۇنداق ئۇسۇلدا قوللىماقتا. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز بولسا بۇنى قانۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇنى بىز بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويىمىز" دەيدۇ قازاقىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى فېلىكس قۇلوف.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش "دۆلەتنى تالان-تاراج قىلىۋاتقانلار" ئۈچۈن يوشۇرۇن تىكەنلىك رولىنى ئۆتەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "شۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىقنىڭ بولۇشى، ئومۇمىي خام چوت، تامۇژنا سىياسىتى، ئىقتىسادى تېررېتورىيە قاتارلىقلارنى مۇئەييەن شەكىلدىكى كونتروللۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ھازىر مەزكۇر ئۆكتىچى تەشكىلات 300 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋىتىپتۇ.
قىرغىزىستان "ئار-نومۇس" پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەمىل ئالىيىف قىرغىزىستان- رۇسىيە سىياسىي ئىتتىپاقداشلىقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىگە قارىتا باھا بېرىپ، بۇنداق ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قىرغىزىستانغا غايەت زور نەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)