پاكىستان سوتى قىزىل مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى ئەيىبلىدى
2007.07.05
پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان قىزىل مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇلئەزىز، پەيشەنبە كۈنى راۋالپىندى شەھەرلىك سوت تەرىپىدىن، تېررورلۇق ھۇجۇم ۋە يەتتە خىتاي پۇقراسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان، دەپ ئەيىبلەندى.
چارشەنبە كۈنى ئاخشىمى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدىكى قىزىل مەسچىتتىن پەرەنجە كىيىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان ئابدۇلئەزىز، ساقچىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ قالغان.
ئابدۇلئەزىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، 23- ئىيۇن كۈنى بىر يىڭنە بىلەن داۋالاش مەركىزىنى بېسىپ، 6 خىتاي ئايال ۋە بىر خىتاي ئەرنى گۆرۈگە ئالغان ئىدى. ئۇلار بۇ داۋالاش مەركىزىنىڭ ئەسلىدە بىر پاھىشىخانا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن پاكىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قىزىل مەسچىتىگە قاراتقان ھۇجۇمىنى ۋە مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى تۇتۇپ تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ، ئەيىبلىگەنلىكىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "خىتاي ھۆكۈمىتى دوست ۋە قوشنا بىر دۆلەت بولغان پاكىستاننىڭ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ" دېگەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، قىزىل مەسچىت ۋەقەسى ، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي- پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە زەربە بەرگەن
- پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تېررورلۇققا قارشى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا كەلدى
- پاكىستان-ھىندىستانلاردا تەبىئەت ھادىسىلىرىدە كۆپلىگەن ئادەملەر قازاغا ئۇچرىدى
- پاكىستان تالىبان ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 6 خىتاي قويۇپ بېرىلدى
- ئافغانىستاندا قىز ئوقۇغۇچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- خىتاي پاكىستاندىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى رەسمى تەلەپ قىلدى
- پاكىستاندا ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە