پاكىستان سوتى قىزىل مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى ئەيىبلىدى


2007-07-05
Share

پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان قىزىل مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇلئەزىز، پەيشەنبە كۈنى راۋالپىندى شەھەرلىك سوت تەرىپىدىن، تېررورلۇق ھۇجۇم ۋە يەتتە خىتاي پۇقراسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان، دەپ ئەيىبلەندى.

چارشەنبە كۈنى ئاخشىمى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدىكى قىزىل مەسچىتتىن پەرەنجە كىيىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان ئابدۇلئەزىز، ساقچىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ قالغان.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، 23‏- ئىيۇن كۈنى بىر يىڭنە بىلەن داۋالاش مەركىزىنى بېسىپ، 6 خىتاي ئايال ۋە بىر خىتاي ئەرنى گۆرۈگە ئالغان ئىدى. ئۇلار بۇ داۋالاش مەركىزىنىڭ ئەسلىدە بىر پاھىشىخانا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن پاكىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قىزىل مەسچىتىگە قاراتقان ھۇجۇمىنى ۋە مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى تۇتۇپ تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ، ئەيىبلىگەنلىكىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "خىتاي ھۆكۈمىتى دوست ۋە قوشنا بىر دۆلەت بولغان پاكىستاننىڭ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ" دېگەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، قىزىل مەسچىت ۋەقەسى ، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت