قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار رەھبىرى ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمامدۇ ؟


2007.07.06

پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار رەھبىرى ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇلرەشىد غازى، " بىز شېھىد بولۇشقا رازىمىزكى، تەسلىم بولۇشنى خالىمايمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

ئابدۇلرەشىد غازى بۇنىڭدىن بۇرۇن بەزى شەرتلەر ئاستىدا مەسچىتتىن ئايرىلىشقا ماقۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ شەرتلەر ئارىسىدا ئابدۇلرەشىدنىڭ كېسەلمەن ئانىسىنى داۋالاش قاتارلىقلار بار ئىدى. ئابدۇلرەشىد غازىنىڭ ئاكىسى مەۋلانە ئابدۇلئەزىز بولسا پەيشەنبە كۈنى ئاياللارنىڭ پەرىجىسىنى كىيىپ قاچماقچى بولغاندا پاكىستان ئامانلىقنى قوغدىغۇچى كۈچلەرگە تۇتۇلۇپ قالدى.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ، جۈمە كۈنى پاكىستان ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆلگەن تالىپلارنىڭ سانى 21 گە يەتكەن. ساقچى ۋە ئامانلىقنى قوغدىغۇچى قىسىملار تانكا ۋە تىك ئۇچارلارنىڭ ياردىمىدە قىزىل مەسچىتنىڭ تېمىدىن بىر قانچە تۆشۈك ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن مۇشەررەپ ئامانلىقنى قوغدىغۇچى كۈچلەرگە ھۇجۇمنى ۋاقتىنچە توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئابدۇلرەشىد ئەزىز بىلەن تەسلىم بولۇش شەرتلىرى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى رەت قىلماقتا.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت مۇشەررەپ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونسېرۋاتىپ ئۆلكىلەرنىڭ نارازىلىقىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلارنىڭ كۆپ قىسىمى غەربىي - شىمالدىكى بۇ ئۆلكىلەردىن كەلگەن. بۇ قېتىمقى توقۇنۇش قىزىل مەسچىتلىك تالىپلارنىڭ ئىسلامئابادتىكى بىر خىتاي پاھىشىخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، 6 نەپەر خىتاينى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىدىن باشلانغان، خىتاي ھۆكۈمىتى تالىپلارنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.