قىزىل مەسچىتتىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
2007.07.07
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ شەنبە كۈنى ئىسلام ئاباتتكى قىزىل مەسچىتتە قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دىنىي ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال تەسلىم بولۇشقا چاقىردى.
مۇشەررەپ ئىسلام ئاباتتا، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "ئۇلار ۋاقىتنى ئۇزارتماي تەسلىم بولۇشى كېرەك. ئەگەر قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولمىسا، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن. بىز مەسچىتتە تۇتۇپ تۇرلۇۋاتقان بالىلار ۋە ئاياللاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز" دېدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى مەسچىت ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلار كۈچەيگەن. شەنبە كۈنى چۈشتە پاكىستان ھەربىي قىسىملىرى ۋە مەسچىت ئىچىدىكى دىنىي ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن .
قىزىل مەسچىتتىكى رادىكال دىنىي ئوقۇغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئابدۇلرەشىد غازى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ھازىرغىچە، 30 قىز ۋە 40 ئەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىت ھويلىسىغا دەپنە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن پاكىستان ھۆكۈمىتى توقۇنۇشلاردا 19 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بۇلار ئىچىدە بىر ئەسكەر نىڭ مۇ بارلىقىنى بايان قىلماقتا.
مۇللا ئابدۇلرەشىد غازى، مەسچىت ئىچىدە، 25، 30 كۈنگە يېتىدىغان ئوق ۋە قورال-ياراق بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا شەنبە كۈنى پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى قىزىل مەسچىت يېنىدىكى " فەرىدە" مەدرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ مەزكۇر مەدرىسىنىڭ كونتروللىقىنى قولغا ئالغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا فەرىدە مەدرىسىسى، قىزىل مەسچىتتىكى رادىكال ئوقۇغۇچىلارنى ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتقان مۇھىم مەركەز ھېسابلىنىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار رەھبىرى ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمامدۇ ؟
- پاكىستان سوتى قىزىل مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى ئەيىبلىدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي- پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە زەربە بەرگەن
- پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تېررورلۇققا قارشى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا كەلدى
- پاكىستان-ھىندىستانلاردا تەبىئەت ھادىسىلىرىدە كۆپلىگەن ئادەملەر قازاغا ئۇچرىدى
- پاكىستان تالىبان ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 6 خىتاي قويۇپ بېرىلدى
- خىتاي -پاكىستان تاش يولى ئۈزۈلۈپ قالدى