پاكىستاندىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى
2007.07.09
پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە، كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى مۇھەممەد ئالى دۇرانى، كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ مەسچىت رەھبەرلىرى بىلەن دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پەرۋىز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى چاۋدرﯤ شۇجائات باشچىلىقىدىكى بىر كېلىشتۈرگۈچىلەر ئۆمىكىنى قىزىل مەسچىتتىكى تالىپلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. لېكىن سۆھبەت ئۆمىكى مەسچىتكە كىرىپ تالىپلار بىلەن يۈزمۇ - يۈز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئەنسىرىگەن بولۇپ، ئابدۇلرەشىد غازى يېتەكچىلىكىدىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار مەۋجۈت شەرتلەر ئاستىدا ھۆكۈمەتكە تەسلىم بولۇشنى رەت قىلدى.
باش مىنىستىر شاۋكەت ئەزىز، ئەگەر ئابدۇلرەشىد غازى تەسلىم بولسا، ئۇنى ئائىلە نەزەربەنتىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا كاپالەت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئابدۇلرەشىد غازى سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى تەلەپ قىلغان، كېلىشتۈرگۈچىلەر بولسا ئابدۇرېشىد غازىنىڭ مەسچىت سىرتىغا چىقىشىنى ئۆتۈنگەن. پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى دۇرانى،سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتمەكتە.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئەگەر تالىپلار تەسلىم بولمىسا، ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تالىپلارنىڭ رەھبىرى ئابدۇلرەشىد غازى، ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئارىسىدىكى تىركىشىش باشلانغان 7 كۈندىن بېرى، ئاز دېگەندە 21 ئادەم ئۆلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەسچىت ئىچىدە خېلى كۆپ ساندا ئاياللار ۋە بالىلار بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىزىل مەسچىتتىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار رەھبىرى ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمامدۇ ؟
- پاكىستان سوتى قىزىل مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى ئەيىبلىدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي- پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە زەربە بەرگەن
- پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تېررورلۇققا قارشى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا كەلدى
- پاكىستان-ھىندىستانلاردا تەبىئەت ھادىسىلىرىدە كۆپلىگەن ئادەملەر قازاغا ئۇچرىدى
- پاكىستان تالىبان ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 6 خىتاي قويۇپ بېرىلدى