ئەلقائىدە ، پاكىستانلىقلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆچ ئېلىشقا چاقىردى
2007.07.12
پاكىستان ئارمىيىسى " قىزىل مەسچىت" كە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، پاكىستان دائىرىلىرى توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ جەسەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى.
پاكسىتان ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، توقۇنۇشتا قوراللىق كۈچلەرنىڭ 73 نەپىرى ، پاكىستان ئارمىيىسىدىن 10 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
ئىسلامئابادتىكى رادىكال دىنىي ئوقۇغۇچىلار، پاكىستاندا ئىسلام قائىدىلىرىنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، پاكىستان ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشقان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، پاكىستان ئارمىيىسى " قىزىل مەسچىت" كە ھۇجۇم قىلدى.
بۇ ئارىدا "قىزىل مەسچىت" نىڭ سابىق رەھبىرى، توقۇنۇشتا ئۆلگەن قىزىل مەسچىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ " شېھىت " ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ھايات قالغانلارنىڭ ئىسلامىي قائىدە - تۈزۈملەرنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەشنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان دائىرىلىرى نۆۋەتتە، رادىكال دىنىي كۈچلەرنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، پۈتۈن خەلقنى ھۇشيار بولۇشقا چاقىردى.
ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ 2 - نومۇرلۇق يېتەكچىسى زەۋاھىرى، پاكىستانلىقلارغا مۇشەررەف ھۆكۈمىتىنىڭ " قىزىل مەسچىت" كە قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىغا قارىتا ئۆچ ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ، ئۇلارنى دىنىي ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
نەچچە ئونمىڭلىغان پاكىستان ئەسكەرلىرى پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلىرىدا توپلىنىپ ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانماقتا . (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قىزىل مەسچىتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلدى
- پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
- پاكىستاندىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى
- قىزىل مەسچىتتىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار رەھبىرى ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمامدۇ ؟
- پاكىستان سوتى قىزىل مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى ئەيىبلىدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي- پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە زەربە بەرگەن
- پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تېررورلۇققا قارشى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا كەلدى