قىزىل مەسچىتتە يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى


2007.07.27

پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى قىزىل مەسچىتتە جۈمە كۈنى يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەن 13 ئادەم ئۆلدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى قىزىل مەسچىتنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مەسىچىتنى قوغداۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن تالىپلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قانچە كىشى يارىلانغان. پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا تالىپلار ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا تاش ئاتقان، ھۆكۈمەت قىسىملىرى بولسا تالىپلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن قايتۇرما زەربە بەرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا جۈمە نامىزى ئوقۇشقا كەلگەن مۇسۇلمانلار ھۆكۈمەت تەرەپ تەيىنلىگەن ئىمامنى مەسچىتتىن قوغلاپ چىقىرىپ، قىزىل مەسچىدتىكى توقۇنۇشتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئابدۇلئەزىز غازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ مەسچىتكە ئىمامەتچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئابدۇلئەزىز غازىنىڭ ئىنىسى ئابدۇلرەشىد غازى پاكىستان ئارمىيىسى قىزىل مەسچىتكە بېسىپ كىرگەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلگەن ئىدى. مەسچىدتىكى پارتلاش ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پارتلاش ۋەقەسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم بولۇپ، ھۇجۇمدا كۆپ قىسىمى ساقچىلارنى ئاساس قىلغان 13 ئادەم ئۆلگەن، 50 دەك ئادەم يارىلانغان.

قىزىل مەسچىدتىكى توقۇنۇش بۇ ئاينىڭ باشلىرى مەزكۇر مەسچىدتىكى تالىپلارنىڭ ئىسلامئابادتىكى بىر خىتاي پاھىشىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 7 نەپەر خىتاينى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىدىن باشلانغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنى گۆرۈگە تۇتقۇچىلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت مۇشەررەپ قىزىل مەسچىدتىكى تالىپلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە مەسچىتنى تازىلاش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 104 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.