ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقىمى 58 مىليارد دوللارغا يەتتى


2005.03.11

ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت ۋە ئېكسپورت سودىسىدىكى قىزىل رەقەم پەرقى بۇ يىل 1 - ئايدا 58 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئامېرىكا تارىخىدا 2 - قېتىم ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى. ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىدىكى قىزىل رەقەم پەرقىي 2004 - يىلى 12 - ئايدا 56 مىليارد دوللار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ ئىگىلىگەن ھەجىمى 15 مىليارد دوللار بولۇپ، 2004 - يىلى 12 - ئايغا سېلىشتۇرغاندا ٪ 7 كۆپەيگەن. بۇنىڭ٪ 33 نى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان تۇقۇلما بۇيۇملار ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىدىكى قىزىل رەقىمى ئىگىلەيدۇ.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن باشلاپ خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىغا قويۇلغان چەكلىمە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئەمگەك كۈچى ئەرزان دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىكەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، چەكلىمىنى بىكار قىلىش دۇنيا توقۇلما بۇيۇملار بازىرىنى خىتاي توۋارلىرىنىڭ ئىگىللىۋېلىش مۈمكىنچىلىكى چوڭىيىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكىدىكى كارخانىچىلار ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي توقۇلما ماللىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان.

بەزىلەر، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىدىكى قىزىل رەقەم، ھۆكۈمەتنىڭ خام چوت قىسقارتىش يولىنى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بىراق ئامېرىكا فېدېرال زاپاس فوندىنىڭ رەئىسى ئەللان گرىنسىپان، سودىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ خام چوتتىكى قىزىل رەقەم بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.