سابىق چېخىسلوۋاكىيە پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل بىلەن تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما ۋە ئاتاغلىق پۇل - مۇئامىلەشۇناس جورجى سوروسلار، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، نەزەربەند ئاستىدىكى بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئاڭسان سۇچى خانىمنى قوللىغان. بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاڭسان سۇچىنى داۋاملىق نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
قوللاش خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: " تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەر قانداق ئىگىز تام ياكى قورال ھەقىقەت ۋە جاسەرەتنىڭ ساداسىنى توسىيالمايدۇ." ئاڭسان سۇچى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئاتاغلىق رەھبىرى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما ۋە ۋاسلاۋ خاۋىللار خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بەزى جىددى رىقابەتلەرگە قارشى ھەمكارلىشىشنى قوبۇل قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق تۈرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ب د ت نىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان، يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كومىسارى، لۇيىسا ئاربور، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت بۇ يىل 6 - ئايدا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويىدىكەن. (ئەركىن)