ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
2004.09.30
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قورال- ياراق تېخنىكىسىنى ساتقان يەتتە خىتاي شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا 23 - سېنتەبىردىن باشلاپ،بۇ شىركەتلەرگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزگەن. خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىللە يەنە، ئىككى نەپەر ھېندىستانلىق كىشى، شۇنداقلا روسىيە، ئوكرائىنىيە، ئىسپانىيە، بېلوروسىيە ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ بەش شىركىتىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچرىغان. ئىقتىسادى جازاغا ئاساسەن، مەزكۇر شىركەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قانداق تىجارەت ئېلىپ بېرىشى ۋە ئامېرىكىدىن يۇقىرى تېخنىكىلارنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدۇ.
2000 - يىلى ئامېرىكىدا ماقۇللانغان "ئىراندا كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش قانۇنى" بويىچە، ھازىرغا قەدەر 23 شىركەت ۋە كىشى ئىقتىسادى جازاغا ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي شىركەتلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننى يادرو قوراللارنى ۋەخپى ھالدا تەرەققى قىلدۇرماقتا دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئەمما، ئىران بولسا بۇنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
- ئامېرىكا بېيجىڭنى خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- ٪ 58 جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىكەن
- ۋاتىكان ، خىتاي دائىرىلىرىنى كاتولىكلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى
- ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى
- ئىراقتا توقۇنۇش يەنە داۋاملاشماقتا